ماقالىنى ئوقۇش

تۆمۈر تەخسىلىك پىدىگەن راك قورۇمىسى

[2012-11-29]

كېلىش مەنبەسى:ئاشپەز تورى 

 

بۇ قورۇمىنىڭ ئىككى خىل ئىشلەش ئۇسۇلى بار.

1-خىلى: ئاساسلىق ماتېرىيال: چوڭ راك 20 تال، پىدىگەن 2 تال

تەم خۇرۇچلار: تۇز، تېتىتقۇ، شېكەر، ئاقمۇچ تالقىنى، لىمون

ئىشلەش ئۇسۇلى: راكنى قاسرىقىدىن ئايرىپ تۇز، تېتىتقۇ، ئازراق شېكەر سېلىپ، ئاقمۇچ تالقىنى بېرىپ يېرىم لىموننى سىقىپ تەملەندۈرىمىز، پىدىگەننى ئوتتۇرىدىن يېرىپ، دۈم قىلىپ پوستى تەرەپتىن پىچاق ئۇرۇپ ئىككى پىچاقنى تېگىگە يەتكۈزۈپرەك ئۇرۇپ ئۈچىنچى پىچاقنى بىراق ئۈزىمىز- دە، شۇ ھالەتتە پىدىگەننى توغرىۋالىمىز، ئارقىدىن ھەربىر پىچاق ئۇرغان ئارىلىققا بىردىن راكنى تىقىپ پىدىگەننى تەخسىگە رەتلەپ تىزىپ قاسقانغا سېلىپ دۈملەيمىز-دە، پىشقاندا ئۆز ئىستېمالىمىزغا قاراپ قىيام تەييارلاپ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستېمال قىلىمىز.

2-خىلى: ئىشلەش ئۇسۇلى ئوخشاش، قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تەييار قىلغان پىدىگەن راكنى سېلىپ پىشۇرۇپ چىرايلىق تىزىپ ئىستېمالىمىزغا قاراپ قىيام تەييارلاپ قۇيۇپ ئۈستەلگە كەلتۈرىمىز.

ئوقۇش : قېتىم
  مەسئۇل مۇھەررىر :مەرھابا



بېسىپ چىقىرىش
مەزمۇن ئىزدەش